7-ئاينىڭ 14-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك قۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆيلىنىشنى قانۇن بويىچە تىزىملاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدا، ئۆيلىنىش دەم ئېلىش ۋاقتىنى 15 كۈنگە ئۇزارتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىر شەھەر ئاھالىسى سالاھىيىتى بىلەن خۇبېي ئۆلكىلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىدىن مەسلىھەت سورىغاندىن كېيىن مۇنداق جاۋابقا ئېرىشكەن: بۇ 15 كۈنلۈك ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى ھەپتە ئاخىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتا ئۆيلەنگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ ئوخشاشلا 15 كۈنلۈك ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ 15 كۈنلۈك ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئۈچ كۈنلۈك ئاساسىي ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى ۋە خۇبېي ئۆلكىسى نورمىدىن ئارتۇق ئۇزارتقان 12 كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.