2024-يىللىق جۇڭگو ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تەرەققىيات دوكلاتى ئېلان قىلىندى

ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى جەمئىي 341 مىليارد 211 مىليون يۈەنگە يەتتى

2025.07.16 15:04 مەنبە: خەلق تورى

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان 2024-يىللىق جۇڭگو ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تەرەققىيات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى، مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ (ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى باشقۇرىدىغان تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 150 مىليون 771 مىڭ 100 ئادەم قېتىم (مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇش پۇلى ۋە پارچە خىراجەتنى كەچۈرۈم قىلىش، ھەقسىز دەرسلىك كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا ياردەم بېرىلگەن، ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى جەمئىي 341 مىليارد 211 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە ياردەم بېرىلگەن بالىلار 6 مىليون 254 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى 8 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار 678 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى 58 مىليارد 565 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار 18 مىليون 795 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى 39 مىليارد 124 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛

ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بويىچە ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار 12 مىليون 955 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى 17 مىليارد 211 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار 44 مىليون 956 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى 217 مىليارد 642 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ