30 دىن ئارتۇق شەھەر ئۆي سېتىۋېلىشقا ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئارقىلىق تۆلەشنى قوللايدۇ

2025.07.16 15:02 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا بېيجىڭ بېسىپ تارقاتقان «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پۇل تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى چىقىرىپ ئۆي سېتىۋېلىشتا ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنى تۆلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرزى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشىنى قوللاش كېرەك. بۇ تەدبىر ھازىرقى باسقۇچتىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى دەپ قارالدى. ئاپپاراتلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، خاڭجوۋ، شىئەن قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق شەھەر (رايون) تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى چىقىرىپ ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنى تۆلەشنى قوللاپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش شەرتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، تۇرالغۇ كاپالىتى ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ