7-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 21 مىڭ 840 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %5.3 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %5.4 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئوتتۇرا خانىلىق سانى 186 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا % 4.8 ئاشقان.