ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، تومۇز ئىسسىق ئادەمنى ئاسانلا بىئارام قىلىدۇ، كۆڭلى بىئارام كىشىلەر ئاسانلا ئۇخلىيالماسلىق، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىدىن قىينىلىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ ئۈچ ئىشنى قىلسىڭىز ئۇيقۇڭىز ياخشى بولىدۇ. چاچ تاراش: ئۇخلاشتىن بۇرۇن 3-5 مىنۇت چاچ تاراپ بەرسە باشنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى ئارام ئالدۇرۇشقا پايدىلىق. چېكىنى ئۇۋۇلاش: بارماق قورسىقى بىلەن چېكىنى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئۈچ مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرسە، باشنىڭ چارچىشىنى يېنىكلىتىپ، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. فېڭچى پەللىسىنى ئۇۋۇلاش: ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى بىلەن بويۇننىڭ كەينىدىكى فېڭچى پەللىسىنى ئۈچ مىنۇت بېسىپ بەرسە، ھارغىنلىقنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.