7-ئاينىڭ 14-كۈنى، خەينەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىندا، بىر قىسىم تور سۇپىلىرى ۋە تور سىرتىدىكى سورۇنلاردا سودىگەر ۋە شەخسلەرنىڭ ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا، شىركەتنىڭ تاۋار ماركىسى ياكى شىركەت نامىنى ئۆز مەيلىچە ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ، ئاشكارا ھالدا شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ياكى ئالاقىدار تەرەپ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، سېتىش پائالىيىتىنى قانۇنسىز قانات يايدۇرغانلىقى بايقالدى. سېتىلغان تاۋارلار ئايروپىلان مۇلازىملىرى فورمىسى، ئايروپىلان مودېلى، ئايروپىلاندا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار، قوشۇمچە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەتتا بەزىلەر شىركەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئايروپىلان مۇلازىملىرى فورمىسىنى كىيىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدا ھە دەپ ئېقىم مىقدارى توپلاپ، قانۇنسىز پايدا ئېلىپ، بازارنىڭ نورمال تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. خەينەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى كەڭ ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، زۆرۈر بولمىغان ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم شىركەتنىڭ مۇنتىزىم ھۆكۈمەت تەرەپ يولى ئارقىلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ يوللىرىدىكى ساختا تەشۋىقاتقا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. خەينەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ خىل ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى بايقالغان ھامان، شىركەت دەرھال قانۇن يولى ئارقىلىق ھوقۇققا چېقىلغۇچىلارنىڭ ھەق تەلەپ، ھەتتا جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قەتئىي زەربە بېرىدۇ، ھەرگىز كەڭچىلىك قىلمايدۇ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.