↑5.3%

2025.07.15 14:05 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، دەسلەپكى ھېساباتقا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6 تىرىليون 605 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان.

كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3 تىرىليون 117 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2 تىرىليون 3905 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، % 5.3 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3 تىرىليون 903 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، % 5.5 ئاشقان. پەسىلگە ئايرىپ قارىغاندا، 1-پەسىلدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان، 2-پەسىلدە %5.2 ئاشقان. ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 2-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %1.1 ئاشقان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ