بۇ يىل شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئىش ئورنىدىن 9700 دىن ئارتۇقنى ئېلان قىلدى

2025.07.14 13:41 مەنبە: خەلق تورى

بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئىش ئورنىدىن 9733 نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت كەڭ ياشلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت تەجرىبىسى توپلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپتىن خىزمەت مەيدانىغا ئۆتۈشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.

ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مەكتەپتىن ئايرىلغان ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئىشسىز ياشلارنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئۇلارنى شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بېكىتكەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئورۇنلىرىغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىپ چېنىقىش، خىزمەت تەجرىبىسى توپلاش، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەشكىللەيدىغان بىر تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش تەييارلىقى پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ