يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ «پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش مەخسۇس قەرز پۇلىنى يولغا قويۇپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نەتىجە-ئۈنۈمى ياخشى كارخانىلارنى، بولۇپمۇ ئەمەلىي ئىقتىساد، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ئوتتۇرا-كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاپ، قەرز پۇل سوممىسىنى 50 مىليون يۈەنگە ئۆستۈردى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش مەخسۇس قەرز پۇلى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئادەم سانى كۆپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى ھەم ئادەم ئىشلىتىشى قېلىپلاشقان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، كىچىك، ئۇششاق كارخانا ئىگىلىرى ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە مەدەت بېرىلىدۇ. كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قۇرۇلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇشى؛ ئىشچى ئىشلىتىش سانى 10 كىشىدىن كەم بولماسلىقى؛ قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىشتىن بىر يىل بۇرۇن ئىشلەتكەن ئادەم سانى ئازايمىغان ياكى ئىشلەتكەن ئادەم سانىنىڭ ئازىيىش سەۋىيەسى ئالدىنقى يىللىق شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى كونترول قىلىش نىشانىدىن تۆۋەن بولۇشى؛ بەلگىلىمە بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تولۇق بېرىشى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغان بولۇشى كېرەك.