2025-يىلى يازلىق تەتىلدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى داۋاملىق ئاچىدۇ، تېلېفون نومۇرى 66097980-010، 66096590-010، قوبۇل قىلىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى سائەت 8:00 دىن 20:00 گىچە، ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە مەركەزگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ماس قەدەمدە قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسىس قىلدى، تېلېفون نومۇرى ۋە ئېچىش ۋاقتىنى ئۇقتۇرۇشتىن كېيىنكى جەدۋەلدىن كۆرۈڭ.