7-ئاينىڭ 9-كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ليۇجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس دوۋ ۋەنگۇينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار دوۋ ۋەنگۇيغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ۋە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلكى ۋە تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، يەتمىگەن قىسمى داۋاملىق قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.