7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋېن خۇا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
ۋېن خۇا، ئەر، خەنزۇ، 1977-يىل 6-ئايدا تۇغۇلغان، خەينەن ۋەننىڭدىن، 1997-يىل 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 2000-يىل 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. نەنجىڭ داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق باكلاۋۇرى، بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ئاممىۋى باشقۇرۇش كەسىپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان، سىدنېي داشۆسىنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە خەلقئارا سودا كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى تەڭشەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، باشقارما باشلىقى، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت قوغداش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى (2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى)، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى بولغان.