گاۋتيې لىنىيەسىدە ئورۇن ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ؟ 12306 ئىنكاس قايتۇردى

2025.07.10 15:28 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، گاۋتيې F ئورنىنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. بەزى تورداشلار ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ 3-تەرەپ بېلەت سېتىۋېلىش سۇپىسى ئارقىلىق «توردا ئورۇن ئالماشتۇرۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىنى ھەمبەھرىلىدى. بۇنىڭغا قارىتا، 12306 ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سۇپىسى مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: 12306نىڭ توردا خالىغانچە ئورۇن ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى يوق، ئورۇن ئالماشتۇرۇشنى چوقۇم بېلەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تاماملاش كېرەك، دېدى. بارلىق ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىدىكى ئاتالمىش «توردا ئورۇن ئالماشتۇرۇش»نىڭ ھەممىسى بېلەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تاماملىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ