ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | كالا قوتىنى ئائىلىۋى قونالغۇغا ئايلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئورتاق بېيىدى

خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» خېبېي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش زىيارەت ئۆمىكى

2025.07.09 16:32 مەنبە: خەلق تورى

«ئىلگىرى ھويلىمىزدا ئاساسلىقى كالا باقاتتۇق، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ھويلىغا كىرگەندە يامغۇرلۇق ئاياغ كىيەتتۇق، سېسىق پۇراق گۈپۈلدەپ تۇراتتى.» خېبېي ئۆلكىسى چېڭدې شەھىرى ۋېيچاڭ مانجۇ-موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى خالىخا بازىرى 83-نومۇرلۇق كەنتىنىڭ ئاھالىسى فۇ چۇڭمىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئائىلىۋى قونالغۇ ئاچتۇق، كالىلارنى كەنتتە قۇرۇلغان ئۆلچەملەشكەن كالا بېقىش رايونىغا يۆتكىدۇق، كىرىمىمىز ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولدى، شۇنداقلا تېخىمۇ مۇقىملاشتى، ياخشى بولغاندا بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ! »

خالىخا بازىرى 83-نومۇرلۇق كەنت. خەلق تورى مۇخبىرى لى جاۋمىن فوتوسى

خالىخا بازىرى 83-نومۇرلۇق كەنت ئائىلىۋى قونالغۇسى. خەلق تورى مۇخبىرى لى جاۋمىن فوتوسى

تۈر مەسئۇلى ليۇ شياۋمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: «ۋېيچاڭ ئورمان قونالغۇ توپى ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى قۇرۇلۇش تۈرىدە ئۆزگىچە تەبىئىي تاغ، سۇ، ئورمان مەنزىرىسىگە تايىنىپ، ھازىرقى زامان ئېستېتىكا شەكلىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك قورۇقى، يېزا ئىگىلىك تەتقىقات كەنتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى ساياھەت نۇقتىسى بەرپا قىلدۇق.» تۈر ئائىلىۋى قونالغۇ، قونالغۇ توپى ۋە خالىخا ئورمانچىلىق مەيدانى چوڭ ئاشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شىڭكۇڭ كۇتۇپخانىسى، ليېيۈەن ئارشاڭ بازىرى، «ئون چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى»، لىڭجىشيەنگۇ قاتارلىق پىشىپ يېتىلگەن مەدەنىيەت-ساياھەت ماركىلىرى ئارقىلىق كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.

ئورمان قونالغۇ توپى شىڭكۇڭ كۇتۇپخانىسى. خەلق تورى مۇخبىرى لى جاۋمىن فوتوسى

ئورمان قونالغۇ توپى. خەلق تورى مۇخبىرى لى جاۋمىن فوتوسى

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قونالغۇ توپىدا بۇ يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتراپىدا رەسمىي تىجارەت باشلىنىپ، ئورمان سەيلىسى، دەم ئېلىش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش-باھالاش قاتارلىق كۆپ ئورۇن بىر گەۋدىلەشكەن «ۋېيچاڭ ئورمان قونالغۇ توپى» ماركىسى شەكىللەندۈرۈلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ۋېيچاڭ مانجۇ-موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كىرىمى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن كۆپىيىپ، ئەتراپتىكى داۋبازى يېزىسى چازىشاڭ كەنتى ۋە خالىخا بازىرى 83-نومۇرلۇق كەنتىدىكى 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش كىرىمىنى 600 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»نى «بايلىق»قا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

ئورمان قونالغۇ توپى شىڭكۇڭ كۇتۇپخانىسى. خەلق تورى مۇخبىرى لى جاۋمىن فوتوسى

خالىخا بازىرى 83-نومۇرلۇق كەنتىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى. خەلق تورى مۇخبىرى لى جاۋمىن فوتوسى

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ