مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ جېڭ، ليۇ ۋېنشىن خەۋىرى
ئالەمگە ئۇچۇش جەھەتتە، «چاڭئې 6-نومۇر» ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C919 ناملىق چوڭ ئايروپىلاندىن جەمئىي 21سى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، چاڭجېڭ 12-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى؛
دېڭىزغا چۆكۈش جەھەتتە، «مېڭشياڭ» ناملىق ئوكيان بۇرغىلاش-تەكشۈرۈش پاراخوتى رەسمىي سەپكە قېتىلدى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز توشۇش پاراخوتىنىڭ ئېكسپورت زاكازى ئۈزۈلمىدى؛
بۇ يىل 5-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن لوياڭ ئوققازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«بىز ئوقەتچىلىكنى ئۆز ئالدىمىزغا تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ سانائەت، ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردۇق، بۇ يولدا توغرا مېڭىپتۇق!»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلغار ياسىمىچىلىق تايانچ قىلىنغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىنىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشتە يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن يىللىق بارلىق سانائەت قوشۇلما قىممىتى 2020-يىلىدىكى 31 تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ 2024-يىلىدىكى 40 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ياسىمىچىلىق ئومۇمىي كۆلىمى ئۇدا 15 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇننى ساقلىدى. جۇڭگو ياسىمىچىلىقى نامايان قىلغان پۇختا ئىشەنچ، يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتى، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى −
بېيدوۋ-3 نومۇر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 400دىن ئارتۇق ئورۇننى توپلاپ بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، سۈنئىي ھەمراھلار ئارا زەنجىرسىمان يول تېخنىكىسى ئارقىلىق «ئالەم بوشلۇقىدا كۆۋرۈك سېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەچچە ئون سۈنئىي ھەمراھتىن «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان» بەرپا قىلدى.
يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، پۈتۈن يەر شارىغا مۇلازىمەت قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە بېيدوۋ سىستېما ئۆزىكى، تېرمىنالى ۋە مۇلازىمەت جەھەتتە %100 دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى ئابۇنىچىلارنى پۈتۈن كۈنلۈك، پۈتۈن ۋاقىتلىق، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش ۋە ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەگە ئايلاندى.
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئالغا سىجىتىلدى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن قاتتىقلىقى، ئېنىقلىقى ۋە ئىشەنچلىكلىكى يۇقىرى بولغان 500 كىلوگىراملىق ئېغىر تىپتىكى سانائەت ماشىنا ئادىمىنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى؛ 28 نانومېتىرلىق نۇر ئويۇش ماشىنىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى دەلىللەش تاماملىنىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %83 تىن ئاشتى...
دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2020-يىلىدىكى %15.1 تىن بۇ يىل 1-پەسىلدىكى %15.7 كە ئۆستى. بۇ «ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىشچان مىقدار»دا يېڭىلىق يارىتىلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ «ئەڭ زور ئېشىش مىقدارى»غا ئايلاندۇرۇش تېزلىتىلدى.
يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلىرى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىنىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىلدى−
ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. پولات-تۆمۈر ساھەسىدە 171 كارخانىنى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋە باھالاش، كۆزىتىپ ئۆلچەش تاماملاندى ياكى قىسمەن تاماملاندى؛ يېنىك سانائەت پەن-تېخنىكىسىدىكى 100 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقى %2.8كە يېتىپ، كەشپىيات پاتېنت سانى جەمئىي 190 مىڭدىن ئاشتى...
بۇ يىل 5-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىر موتور ياساش، كېمە-پاراخوت ھەم ئالاقىدار قۇرۇلما ياساش، پار قازان ۋە ئەسلىي ھەرىكەتلىك ئۈسكۈنە ياساش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %23.3، %12.8، %11.8 ئېشىپ، «يېڭىلاش» ۋە «يېڭىلىق يارىتىش» نىشانلىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە «كونا دەرەخ يېڭى بىخ چىقىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
تۇتۇش، قويۇش، قاتلاش، يۆتكەش... شاڭخەي جاڭجياڭدىكى جىيۈەن ماشىنا ئادىمى سانلىق مەلۇمات توپلاش زاۋۇتىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ماشىنا ئادەمگە تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى تاماملاشنى قولمۇقول ئۆگەتتى. ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چققان بىر پونكىت شەكلىدىكى تەتىق قىلىپ ياساش سۇپىسى، كەسىپ ساھەسىدىكى تۇنجى ھەممىباب جابدۇق ئۇل مودېلىنىڭ پايدىسىدا، جىيۈەن ئادەمسىمان ماشىنا ئادىمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.
ھازىر، دۆلىتىمىزدە 41 سانائەت چوڭ تۈرى، 207 سانائەت ئوتتۇرا تۈرى، 666 سانائەت كىچىك تۈرى بار بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەسىپ تۈرلىرىدىكى بارلىق سانائەت تۈرلىرىگە ئىگە بولغان بىردىنبىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ؛ 500 خىل ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتى ئىچىدە، %40 تىن ئارتۇق مەھسۇلاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى.
يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كېلەچەك كەسىپلىرى تېز قەد كۆتۈردى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئۇدا ئون يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى؛ بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز كارخانىلىرى ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ھۈجەيرە ۋە گېن ئارقىلىق داۋالاش دورىسى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلدى... بۇ بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەر ئالاقىدار كەسىپلەر ئۈچۈن تېخنىكا تەگلىكى بەرپا قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ كۆپەيتكۈچى ئۈنۈمىنى سىجىل قويۇپ بەردى.
دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، «يېشىل» بولۇشتىن «ئاقىل» بولۇشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سىجىل ئاشۇرۇلدى −
ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپلا «كاربون قويۇپ بەرمەسلىك»نى ئىشقا ئاشۇرغان ئاقىل ئېكولوگىيەلىك زاۋۇت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاۋدى 1-ئاپتوموبىل شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ چاڭچۇن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى رەقەملىك قوشكېزەك، D3لىق كۆرۈش سېزىمى «بۈركۈت كۆزى» قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، %100 ئاپتوماتىك كەپشەرلەش، پۈتۈن زاپچاسلارنى %100 ئاپتوماتىك يۆتكەپ توشۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئاقىل ياسىمىچىلىقتا كەسىپلەرنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى جۇش ئۇردى. ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئاقىل ياسىمىچىلىق ئۈلگە زاۋۇتىدىن جەمئىي 421 ى يېتىشتۈرۈلدى، ئۆلكە دەرىجىلىك رەقەملەشكەن سېخ ۋە ئاقىل زاۋۇتتىن 10 مىڭدىن ئارتۇقى قۇرۇلدى، ئون مىڭغا يېقىن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنى رەقەملەشكەن قىلىپ ئۆزگەرتىش ئالغا سىلجىتىلدى.
كەسىپلەرنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىلدى. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت 6430غا يېتىپ، مەھسۇلات قىممىتى ياسىمىچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە تەخمىنەن %20نى ئىگىلىدى.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر لى لېچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى كەسىپ بىلەن كونا كەسىپنى تەڭ تۇتۇش، ئەمەلىي ساننى يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سەرخىللاشتۇرۇش، ئاقىللاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى كۆزلەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كېلەچەك كەسىپلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق تايانچ قىلىنغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.»