ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | مەنزىرە رامكىسى ئارقىلىق لىجياڭ دەرياسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئاچايلى

خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» گۇاڭشى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش زىيارەت ئۆمىكى

2025.07.07 15:12 مەنبە: خەلق تورى

لىجياڭ دەرياسىنى سۈرەتكە ئېلىشنىڭ بىر خىل يېڭىچە ئۇسۇلىنى بىلىۋالدىڭىزمۇ؟ لىجياڭ دەرياسىدىكى كېمىدە ئولتۇرسا، دېرىزە تەبىئىي مەنزىرە ئېلىش رامكىسى بولىدۇ.

كېمە دېرىزىسىدىن لىجياڭ دەرياسىغا قارىغاندا، ھەربىر كۆرۈنۈشنىڭ ھەممىسى ئېكران قوغداش سۈرىتىگە ئوخشاش گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ساياھەت كېمىسىگە ئولتۇرۇپ لىجياڭ دەرياسىنى سەيلە قىلغاندا، دېرىزە مەنزىرە تاماشا قىلىدىغان دېرىزە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى گۇيلىن تاغ-دەريالىرىنىڭ ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى چۈشەندۈرىدىغان ئۆزگىچە كۆرۈش بۇلۇڭى بولالايدۇ، بۇ چاسا رامكىدىن قارىغاندا، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن جانلىق ئەمەلىيەت كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

دېرىزە سىرتىدىكى گۇيلىن تاغ-دەريالىرى. خەلق تورى لېي چىجۈن فوتوسى

دېرىزە سىرتىدىكى گۇيلىن تاغ-دەريالىرى. خەلق تورى لېي چىجۈن فوتوسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيلىن قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، لىجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئېكولوگىيە بىلەن ساياھەت، يېزا ئىگىلىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى بۇ تۇپراقتا جۇلالاندۇردى.

ساياھەتچىلەر پالۇبا ئۈستىدە سۈرەتكە چۈشمەكتە. خەلق تورى لېي چىجۈن فوتوسى

بۇ يىل «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، لىجياڭ دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت كېمىسى ۋە ساياھەت سالى جەمئىي 221 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 43.76 ئاشقان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ