شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ كۈندىكى رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ تېلېفونلاشقانلىقى توغرىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا، تېلېفونلىشىشتا «ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى».
ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى (NBC) نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ترامپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا «ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى» دېدى.
ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مەن پۇتىن بىلەن ئىران، ئۇكرائىنا قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تېلېفونلىشىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدۇق، «سۆزلىشىش ناھايىتى ئۇزاق داۋاملاشتى، لېكىن ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى».
ترامپ يەنە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن «خۇش بولمىغان»لىقىنى بىلدۈرگەن.