ھەقىقىي نام بىلەن نامسىز بولۇشتىن ئىبارەت قوش يوللۇق تۈزۈمنى قوللايدۇ! مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر پاش قىلىش سىستېمىسى تورغا چىقىرىلدى

2025.07.04 14:40 مەنبە: خەلق تورى

بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئاچقان «مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر پاش قىلىش سىستېمىسى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ سىستېما دىققەتنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ «ئىچكى قىسمىدىكى ئۈشتەكچى» مېخانىزمىنى قوزغىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپكارلار ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ يىپ ئۇچىنى پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «مەملىكەت بويىچە 12315 سۇپىسى» بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت شەكىللەندۈرۈپ، «ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان، پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىدىغان» يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ