شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى بېرلىندا گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋادفور بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم نەق مەيداندا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
مۇخبىرنىڭ ياۋروپا كارخانىلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ سىيرەك توپا ئېكسپورتىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى يولغا قويۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا قارىتا، ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: ئارمىيە بىلەن خەلق ئىشلىرىغا تەڭ ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى زۆرۈر نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى يولغا قويۇش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، شۇنداقلا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەجبۇرىيىتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ سىياسىتى خەلقئارا ئادەتكە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. سىيرەك توپا ئېكسپورتى ئەزەلدىن جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا مەسىلىگە ئايلىنىپ باقمىغان ھەم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. پەقەت ئېكسپورت باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلسىلا ھەمدە زۆرۈر تەرتىپنى ئىجرا قىلسىلا، ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ نورمال ئېھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى يەنە ياۋروپا كارخانىلىرى ئۈچۈن «تېز سۈرئەتلىك يول» تەسىس قىلدى، بەزىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا بۇ ئىشنى قەستەن كۆپتۈرۈشىدە يامان غەرىزى بار.