مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى يېقىندا ئاشكارىلىغان تېببىي ھۆسن تۈزەش ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىققا قارىتا، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنغا خىلاپ ئالاقىدار جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلدۇق ھەمدە چېتىشلىق جايدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بايقىساق، ۋاقتىدا دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەپ، قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ جازالىدۇق.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق رايونلاردىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تىغ ئۇچىنى تېببىي ھۆسن تۈزەش ساھەسىدىكى زىيىنى ئېغىر، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارىتىپ، يىپ ئۇچىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، دېلو پاش قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەردە ئارقىسىدىكى تەشكىلات تورى ۋە قارا، كۈل رەڭ كەسىپ زەنجىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى سىجىل ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز.