بېيجىڭ: شەخسلەرنىڭ 10 يۈرۈش (ئېغىز) ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆينى قايتا ئىجارىگە بېرىشى ساھەنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

2025.07.04 14:37 مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇنى قايتا ئىجارىگە بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش»دېيىلىدۇ)نى تەتقىق قىلىپ تەييارلىدى، 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شەخسلەر مەزكۇر شەھەردە ئىجارىگە بەرگەن ئوخشاش بولمىغان يۈرۈش (ئېغىز) تۇرالغۇ ئۆينىڭ سانى ئون يۈرۈش (ئېغىز) ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا، بازار سۇبيېكتىنى قانۇن بويىچە تىزىملىشى ھەمدە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى (ئۆي باشقۇرۇش) تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ