گەنسۇدىكى بىر يەسلىنىڭ خۇرۇچنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىشى قىسمەن بالىلارنىڭ قېنىدا قوغۇشۇن نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق مەسئۇل كىشى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى

2025.07.04 14:37 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 7–ئاينىڭ 3-كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنشۈي شەھىرى مەيجى رايونىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەيجى رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى ئاممىنىڭ ئىنكاسىنى قوبۇل قىلىپ، مەلۇم يەسلىنىڭ خۇرۇچنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىشى سەۋەبىدىن قىسمەن بالىلارنىڭ قېنىدا قوغۇشۇن نورمالسىزلىقى كۆرۈلگەنلىك دېلوسىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە مەنبەنى تەكشۈرۈش، داۋالاش كاپالىتى ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېز قانات يايدۇرغان.

نۆۋەتتە، قاندىكى قوغۇشۇندا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن بالىلارنى داۋالاش ۋە ئوزۇقلۇققا ئارىلىشىش، پىسخىكىلىق يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىلمىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا. ۋەقەگە چېتىشلىق يەسلىنىڭ مەسئۇلى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى. نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. باشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ