سودا مىنىستىرلىقى: ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ سودىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

2025.07.04 14:36 مەنبە: خەلق تورى

سودا مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بىر مۇخبىر ئامېرىكا بىلەن ۋىيېتنامنىڭ سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

بۇنىڭغا قارىتا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خې يۇڭچيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى سودا ھەمراھلىرىدىن ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى»نى قوشۇپ ئېلىشى تىپىك يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك ئۇسۇلى بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلدى.

خې يۇڭچيەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىپ، باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ئىزچىل، بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ئىختىلاپىنى باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، لېكىن ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ سودىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئەگەر بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى جازا قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ