گوۋۇيۈەن ھۆججەت تارقىتىپ، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 77 ماددىلىق نۇقتىدا سىناق قىلىش تەدبىرىنى كۆپەيتتى، كېڭەيتتى

2025.07.04 14:34 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «ئەركىن سودا سىناق رايونىنى خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە ئومۇميۈزلۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو ( شاڭخەي ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي لايىھەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەدبىرلىرىنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سىرتقا ئېلان قىلىندى.

ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ قېتىم كۆپەيتىلىپ كېڭەيتىلگەن 77 ماددىلىق نۇقتىدا سىناق قىلىش تەدبىرى مۇلازىمەت سودىسى، مال سودىسى، رەقەملىك سودا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ئىسلاھاتى، «چېگرادىن كېيىنكى» باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق يەتتە جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، رەقەملىك خەلق پۇلىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قوللىنىش مۇھىتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان مەبلەغنى مەركەزلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش، باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، چېگرادىن چىقىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق تالونى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق تالونلارنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى ئۈچ تەرەپ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق 34 تۈرلۈك تەدبىر باشقا ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىدا كۆپەيتىلىدۇ، كېڭەيتىلىدۇ؛ ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىشنى چېگرا ھالقىپ قوللىنىش، سودىغا ئىشلىتىلىدىغان مەخپىي نومۇرنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، دەلىللەش نەتىجىسىگە ئىشىنىشكە ئىلھام بېرىش، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بويىچە دەلىللەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش سۇپىسىنى رەقەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق 43 تۈرلۈك تەدبىر پۈتۈن مەملىكەتتە كۆپەيتىلىپ كېڭەيتىلىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2023-يىل 11-ئايدا، گوۋۇيۈەن «خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە ئومۇميۈزلۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو ( شاڭخەي ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنى خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك سودا قائىدىسىگە ئومۇميۈزلۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىش ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىشىنى قوللىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك نۇقتىدا سىناق قىلىش، سىناق قىلىش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم يېتەكچى خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش قانات يايدۇرۇلۇپ، بىرقەدەر يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بىر تۈركۈم ئىلغار تەجرىبە ۋە تىپىك مىساللار شەكىللەندۈرۈلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كۆپەيتىش، كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىلار ۋە ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان نۇقتىدا سىناق قىلىش تەدبىرلىرىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش پايدىسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قويۇپ بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ