7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ!

2025.07.03 14:37 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، ئاساسىي مەيدان ئۈرۈمچى شەھىرى، شۆبە مەيدان ئىلى، خوتەن، ئاقسۇ، قاراماي، قومۇل، ئارال بولۇپ، 17 كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا «ئۇسسۇل ئوينايلى» باش تېما قىلىنىپ، سەككىز دۆلەت ۋە دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن 24 سەنئەت ئۆمىكى تاماشىبىنلارغا 52 مەيدان قالتىس سەھنە سەنئىتى نادىر ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ