شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كەلگۈسى بەش يىلدا 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ توپلاپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار پەلەمپەيسىمان ئەترىتى بەرپا قىلىدۇ

2025.07.03 14:30 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى 2025-يىللىق شىنجاڭ كوئېنلۇن مەدەنىيەت مۇنبىرىدە «ئۇدۇن ئالىملىرى»، «كۇنگاڭ ئالىملىرى» ئىختىساسلىقلار پىلانىنى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ توپلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئىشلىتىشنى پىلانلىدى.

بۇ پىلانغا خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى، تيەنجىن شەھىرى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ھەم يەرلىكتىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭدا خوتەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پۇختا ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنغان.

«ئۇدۇن ئالىملىرى» پىلانىدا تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە 20 مۇتەخەسسىس، ئالىمنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈش؛ «كۇنگاڭ ئالىملىرى» پىلانىدا پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ تۇنجى تۈركۈمدە خوتەن مەدەنىيىتى ھەم خاس كەسىپلەرگە قىزىقىدىغان، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى ھازىرلىغان 100 نەپەر ياش ئىختىساسلىقنى كىرگۈزۈشنى پىلانلاندى. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش بىلەن ئۆز جايىدا تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، «ئورتاقلىق+خاسلىق»تىن ئىبارەت قوللاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى رىقابەت كۈچىگە ئىگە پەن تەتقىقات خىراجىتى، مۇكەممەل خىزمەت مۇھىتى ۋە ياخشى تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ھەم كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن خاسلاشقان قوللاش لايىھەسى تۈزۈش پىلانلاندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ