گۇاڭدۇڭ شېنجېندا، بىر ماشىنا ئادەم بىر كىنونىڭ كىلاسسىك بۆلىكىدىكى بىر بۆلەك ئۇسسۇلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپ، قول پۇلاڭلىتىش، بەلنى ئېتىش، بۇرۇلۇش، ئاستا-ئاستا مېڭىش قاتارلىق بىر قاتار ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى سىلىق، راۋان، رىتىملىق ۋە جانلىق ئورۇنلىدى.
گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندە، ئىككى ماشىنا ئادەم سىناق مەيدانىدا جانلىق ھالدا ئايلىنىش، داۋانغا يامىشىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلىدى، بۇيرۇق بېكىتكەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئاپتوماتىك ئەگىشىش ھەرىكەتلىرىنى قىلالايدۇ.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاقىل ماشىنا ئادەم كەسىپ توپىنىڭ تىجارەت كىرىمى 90 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟
شېنجېن شەھەرلىك سۈنئىي ئەقىل ۋە ماشىنا ئادەم تەتقىقات ئورنىغا كىرگەندە، بىر تەرەپتە، كۈمۈش ھالقىغا ئوخشايدىغان سانائەت ماشىنا ئادەملىرى تەقلىدىي كۆۋرۈك ئاساسىي كابېلىغا يۆلىنىپ، كابېل ئارغامچىسىنىڭ بۇزۇلۇش خەۋپىنى دەل جايىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچەۋاتقان مەنزىرە؛ يەنە بىر تەرەپتە كاپسۇلغا ئوخشايدىغان مىكرو نانومېتىرلىق ماشىنا ئادەم ئادەم بەدىنىگە «ئىچكىرىلەپ كىرىپ»، قان تومۇرلارنى تازىلاپ، نىشانلىق دورا قويىدىغان داۋالاش «ياردەمچىسى»گە ئايلانغان مەنزىرە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە «كەلگۈسى مەنزىرە» ئاستا-ئاستا كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ ... تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئەمەلىي قوللىنىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە جەريانلارنى قاپلىغان بىر قاتار كۆپ كۆرۈنۈشلۈك ماشىنا ئادەم مەھسۇلاتلىرى كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ.
تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ نىڭ مۇنداق دېدى:«بۇ يەردە، ئوخشاش بولمىغان پەنلەر ساھەسىدىن كەلگەن، ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجغا يۈزلەنگەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى شارائىتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ماشىنا ئادەم كەسپىنى تېخىمۇ چوڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىمەكتە. تەتقىقات ئورنىمىز دىققەتنى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، شەھەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يۆنىلىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن باشلامچى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ مۇھىم تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ماشىنا ئادەم كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسىگە ئايلىنىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.»
شېنجېن جۇڭچى ماشىنا ئادەم پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، بوي ئېگىزلىكى 1.38 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 40 كىلوگىرام كېلىدىغان، پۈتۈن بەدىنى 24 ئەركىن ئۈگىدىن تەركىب تاپقان، بېلىگە 320 گىرادۇسلۇق ئەركىن ئايلىنىش ئېلېكتىر گېنېراتورى سەپلەنگەن بىر ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم بار بولۇپ، ئۇ زور مىقداردىكى يۇقىرى قىيىنلىقتىكى ھەرىكەتلەرنى تاماملىيالايدۇ. بۇ يىل 3-ئايدا، ئۇ سائىتىگە 12 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن شېنجېن ئىختىساسلىقلار باغچىسىدا يۈگۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ دىققىنى تارتتى.
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش قەدىمى شېنجېننىڭ ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كارتىنىسى. ئالاقىدار دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شېنجېننىڭ ماشىنا ئادەم كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليارد يۈەندىن، ماشىنا ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك ساھەگە توپلاشقان كارخانىلار 74 مىڭدىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاقىل ماشىنا ئادەم كارخانىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %16نى ئىگىلىگەن.
ماشىنا ئادەم مەھسۇلاتلىرى «ماھارەت كۆز-كۆز قىلىش» بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا تېز سىڭىپ كىرمەكتە.
دۇڭگۇەن بېنمو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت باش نازارەتچىسى ليۇ شىتۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«نۆۋەتتە، بىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان بىۋاسىتە قوزغاتما ئېلېكتىر موتورلۇق سۈپۈرگە ماشىنا ئادەم، تاماق توشۇغۇچى ماشىنا ئادەم قاتارلىق مەھسۇلاتلار كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. شىركىتىمىز قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، كۈندىن-كۈنگە زوايدى، بۇ يىل مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ 10 مىليون دانىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.»
بېنمو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى XbotPark ماشىنا ئادەم بازىسىنىڭ ئىزچىل تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ليۇ شىتۇڭ مۇنداق دېدى: «بازا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئۇنىڭ مۇكەممەل تەمىنات زەنجىرى ئېكولوگىيەسىمۇ بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، بىزنىڭ تۇنجى خېرىدارىمىز دەل بازىدىكى كارخانا ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە شىركىتىمىز ئوندىن ئارتۇق ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇردى، بۇ، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بازار ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرالايدۇ.»
2014-يىلى، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆدىكى ئۈچ پىروفېسسور تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان XbotPark ماشىنا ئادەم بازىسى سۇڭشەنخۇغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يېڭى تىپتىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەر، تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەم يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق بايلىقلارنى باغلاش ئارقىلىق، ماشىنا ئادەم ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىنى ھەر تەرەپلىمە بايلىق ۋە مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.
يېتىشتۈرۈش، بارلىققا كەلتۈرۈش، زورايتىش... ئون نەچچە يىل ئىلگىرى تېرىلغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش «ئۇرۇقى» كەسىپ «ئورمىنى»غا ئايلاندى. بازا مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «< ھۆكۈمەت قوللاش+كارخانىلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش > ئەندىزىسى ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بازا 80 دىن ئارتۇق ماشىنا ئادەم ھەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال كارخانىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتۇق، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش نىسبىتى %80 كە يەتتى. بۇ يەردە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە مەھسۇلاتنى سىلىقلاش، بازارنى دەلىللەش، كوللېكتىپ قۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردا تېز ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ».
زور تۈركۈمدىكى ماشىنا ئادەم كارخانىلىرى قانداق قىلىپ گۇاڭدۇڭدا كەسىپ توپى بولۇپ شەكىللەندى؟
كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل بولدى. جۇڭچى پەن-تېخنىكىسى جايلاشقان شېنجېن «ماشىنا ئادەم جىلغىسى»نى مىسالغا ئالساق، ئونغا يېقىن ئالىي مەكتەپ بۇ يەرگە ماكانلاشقان بولۇپ، 100دىن ئارتۇق ئالاقىدار كارخانا بۇ يەرگە توپلاندى. بۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە جۇڭچى پەن-تېخنىكا بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ياۋ ئەيۋېن مۇنداق دېدى:«يېڭى مەھسۇلاتنىڭ لايىھە چېرتيوژىنى تەمىنلىگۈچى سودىگەرگە تارقىتىپ بەرسەم، شۇ كۈنىلا ئەۋرىشكىنى ئېلىپ كېلەلەيمەن.»
نۆۋەتتە، ماشىنا ئادەم كەسپى جەھەتتە، شېنجېندا يادرولۇق زاپچاسلاردىن تارتىپ تۈرلۈك پۈتۈن ماشىنىلارغىچە بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى شەكىللەندى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يەرلىكلىشىش نىسبىتىنى %60 تىن ئاشتى.
تەرەققىيات مۇھىتى مۇۋاپىق بولدى. سۇڭشەنخۇ ئىلىم-پەن شەھەرچىسىگە تايىنىپ، دۇڭگۇەن شەھىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئاقىل ماشىنا ئادەم تەتقىقات ئورنى، XbotPark ماشىنا ئادەم بازىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يادرولۇق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېتىشتۈرۈش، ئارىلىق سىناش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈردى.
تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇھىم ئامىللار بىلەن تەمىنلەشتىن مەنزىرە قېزىشقىچە بولغان ھالقىلاردا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتقان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئارقا-ئارقىدىن بىرقانچە سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۈنئىي ئەقىل ۋە ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئىلغار ياسىمىچىلىق ئەۋزەللىكى ۋە غايەت زور بازار ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ مۇنبەت تۇپراقتا تېخنىكىسى يۇقىرى، ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز، كۆلىمى چوڭ بولغان كەسىپ يېڭى تۈۋرۈكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، چوڭ قەدەم بىلەن دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل ۋە ماشىنا ئادەم كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ئاتلاندى.