ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەزنىڭ 3-نۆۋەتلىك 4-تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداش بويىچە سەككىز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 2025-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، شەندۇڭ، شەنشى، نىڭشيادىن ئىبارەت بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) ھەمدە جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو داتاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ مەركەز كارخانىسىغا ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ئورۇنلاشقان، يېقىندا تەپتىش قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىش باسقۇچىدىكى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان.
2025-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، ھەرقايسى تەپتىش قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئاممىدىن كەلگەن تېلېفون، خەت-چەك ئارقىلىق پاش قىلىش ماتېرىياللىرىدىن 23 مىڭ 311نى تاپشۇرۇۋالغان، 17 مىڭ 880 پارچە ئۈنۈملۈك پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغان، رەتلەش، تەكرار پاش قىلىشنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، تەپتىش ئوبيېكتلىرىغا جەمئىي 14 مىڭ 66 پارچىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تەپتىش ئوبيېكتلىرى 9213 پارچىنى بېرىجىرىپ بولغان ياكى باسقۇچلۇق بېجىرىپ بولغان.