مۇخبىرنىڭ گۇاڭشى پىڭلې ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، سۇ XX گۇيلىن شەھىرىنىڭ 2025-يىللىق كەسپىي ئورۇنلارغا ئاشكارا ئىمتىھان بويىچە قوبۇل قىلىشىغا قاتنىشىپ، يېزىقچە ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ تەكشۈرۈش ھالقىسىغا كىرگەن.
تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، «گۇيلىن شەھىرىنىڭ 2025-يىللىق كەسپىي ئورۇنلارغا ئاشكارا ئىمتىھان ئارقىلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نىڭ 1-ماددىسىنىڭ 4-، 10-نۇقتىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ ئىمتىھان بەرگۈچى «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەچكە، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.