خىزمەت ئىزدىگەندە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشقا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

2025.07.02 14:14 مەنبە: خەلق تورى

«ئەمگەك توختامى قانۇنى»، «ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچى قوبۇل قىلىشتا، ئەمگەكچىلەردىن ھەرقانداق نام بىلەن پۇل-مال ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ يوللۇق بولمىغان مەنپەئەتكە ئېرىشىشىگە بولمايدۇ.

ئالدىن ھەق تاپشۇرۇشنى شەرت قىلغان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ياكى خىزمەتكە كىرىشتىن بۇرۇن كاپالەت پۇلى، كىنىشكا بېجىرىش ھەققى، كىيىم-كېچەك ھەققى، ماتېرىيال ھەققى قاتارلىقلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەق ئېلىشنىڭ قانۇن ئاساسى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش كېرەك. ھەق تاپشۇرۇشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم تالون چىقىرىپ بېرىش ھەمدە ئورۇننىڭ تامغىسىنى بېسىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ماجىرالاردا ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. ئەگەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىز زىيانغا ئۇچرىسا، شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا ۋاقتىدا ئەرز قىلىڭ ۋە ئىنكاس قىلىڭ. ئەگەر خىزمەت ئىزدەش ئالدامچىلىقى ياكى شەخسىي مال-مۈلۈك، جىسمانىي بىخەتەرلىكىڭىز زىيانغا ئۇچرىسا، دەرھال گۇڭئەن ئورگىنىغا مەلۇم قىلىڭ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ