دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى: توكداننى پويىزغا ئېلىپ چىققاندا 3C بەلگىسىنى تەكشۈرۈش ھاجەتسىز

2025.07.02 14:13 مەنبە: خەلق تورى

ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا توكداننىڭ 3C بەلگىسى بار-يوقلۇقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك، پويىزغا ئولتۇرغاندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەلگىلىمە بارمۇ؟ مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، توكداننىڭ نورمىلىق ئېنېرگىيەسى 100 ۋات سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسىلا پويىزغا ئېلىپ چىققىلى بولىدىكەن.

يېقىندا، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يولۇچىلارنىڭ 3C بەلگىسى بولمىغان، 3C بەلگىسى ئېنىق بولمىغان، قايتۇرۇپ كېلىنگەن تىپ ياكى تۈركۈم (قېتىم)دىكى توكداننى ئېلىپ چېگرا ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئۇقتۇرۇش ئېلان چىقاردى، بۇ خەۋەر كىشىلەرنىڭ سىجىل دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئاۋىياتسىيەسىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، تۆمۈريول تىرانسپورتىدا 2022-يىلى دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «تۆمۈريول يولۇچىلىرىنىڭ ئېلىپ يۈرۈشى مەنئى قىلىنغان، ئېلىپ يۈرۈشىگە چەك قويۇلغان ۋە توشۇشقا ھاۋالە قىلىنغان بۇيۇملار مۇندەرىجىسى»دىكى ئالاقىدار ئۆلچەملەر ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئېلىپ يۈرۈشكە چەك قويۇلغان بۇيۇملار» ئىچىدە بەلگىسى ئېنىق بولغان توكدان، لىتىيلىق باتارېيەنىڭ بىر پارچىسىنىڭ نورمىلىق ئېنېرگىيە مىقدارى 100 ۋات سائەتتىن ئېشىپ كەتمىگەنلىرىدىن باشقىلىرى ئېلىپ يۈرۈشكە چەكلىمە قويۇلغان بۇيۇملار قاتارىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ