جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك (باش ماقالە)

− مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 28-قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

2025.07.02 14:10 مەنبە: خەلق تورى

بۈگۈن، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 28-قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ياشلىرى ۋە كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر زور ئىش بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇجەسسەملەشنىڭ يىغىلىش بۇرغىسىدۇر.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلمەي تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەركىزىي پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتى، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى چىقىرىپ، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى خىزمىتىدە يېپيېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشقا، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىغا ئۆزى بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى، مەخسۇس خەت ئەۋەتىپ مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، كۆپ قېتىم مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ساۋاقداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىپ ۋە ئۇلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ياش ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى.

ياشلار غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلالايدىغان بولغاندىلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈمىدكە تولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىغا خالىس ئۆزىنى بېغىشلاشتىن، غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىپ چېگرا رايوندا ئۈن-تىنسىز يىلتىز تارتىشقىچە، «بېيدوۋ»، «چاڭئې» كوللېكتىپىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلىشىدىن، مەۋقەنى خەلقئارا سەھنىگە قويۇپ جۇڭگونىڭ ياخشى ساداسىنى تارقىتىشىغىچە... يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭدى، شەخسىي غايىسىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈلۈك بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشتەك روھىي قىياپىتى ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار دەيدىغان دادىل مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ياشلار كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش»، «ئۈچنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش» تېمىسىدىكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «قىزىل تەتقىقات-ئۆگىنىش سەپىرى»، «مەن ياشلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» قاتارلىق داڭلىق كۇرسلۇق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ياشلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ياشلىق ناخشىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا يېتەكلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، جۈملىدىن كەڭ ياشلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، داۋاملىق داۋان ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ياشلار جەمئىيەتتىكى ئەڭ جانلىق، ئەڭ غەيرەتلىك بولغان، مۇتەئەسسىپ ئىدىيەسى ئەڭ ئاز كىشىلەر توپى، دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. «دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تىن ئىبارەت كىشىلىك ھايات ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ، «مەڭگۈ كۈرەش قىلىش»تەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «دۇنياغا بىمالال نەزەر سېلىش»تەك ئۆزىگە ئىشىنىش جاسارىتىنى ساقلاپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئىلگىرىلەپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، ياشلىق گۈللىرىنى پورەك ئاچقۇزۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ياشلار ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ كەڭ ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، ياشلارنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ، يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باش تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كەڭ ياشلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ياشلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىڭ جان تومۇرىنى چىڭ تۇتۇپ، كەڭ ياشلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشقا يېتەكلەپ، تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت، زەربىدار ئەترەت بولۇپ، ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشالايدۇ.

مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا، ھەر بىر تال ياشلىق بۇژغۇنىغا ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى يۈكلەنگەن. ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان دۆلەت، ياشلىق باھارى جۇلالانغان مىللەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۈگۈنكى ياشلار جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت چوقان ئارقىلىق، يېڭى دەۋرنىڭ چەكسىز ساداسىغا ئاۋاز قوشماقتا. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى!

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ