قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى يارىتىش، توغرا كەيپىيات تۇرغۇزۇش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، خەلققە بەخت يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى

2025.07.02 14:08 مەنبە: خەلق تورى

- 6 ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا 21-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشتا، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق بولۇش كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، توغرا كەيپىيات تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: < ئىستىلنى تۇتۇشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىدىكى بىر مۇھىم تەجرىبە >. بۇ تەجرىبە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى ( دۆلەت مەمۇرىي شۆيۈەنى) پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى لۈ پىن مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىدە بۇ مۇھىم تەجرىبىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ۋە ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزۈل-كېسىل بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئالىمىز، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچىمىز.

گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ رۇڭجياڭ ناھىيەسىدە كەلكۈن يانغاندىن كېيىن، توك بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن تەخىرسىز ئىش بولۇپ قالدى.نەنفاڭ ئېلېكتىر تورى گۇيجوۋ تۇڭرېن توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى خۇ خەيبو لاي-لاتقىلارنى تازىلاپ، لىنىيەلەرنى جىددىي رېمونت قىلدى.

خۇ خەيبو: «باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەلىك كادىرلاردىن «ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا كۈرەشچان كىشىلىك ھاياتنى تاۋلاش، خەلققە بەخت يارىتىش داۋامىدا ئەخلاق مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈش» نى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆز ئىشىمىز دەپ بىلىپ، بالدۇرراق، تېزدىن ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.» دېدى.

دىڭرى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان يېزا ـ بازارلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ رىكازى شەھىرى بوز ناھىيەسىنىڭ شىچىن يېزىسى شالاسۇ كەنتى ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى. شالاسۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۈنجۇ ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىپ، قايتا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ لايىھەسىگە قاتناشتى، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ماسلاشتۇردى.

دۈن جۇ : «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىدە، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئەمگەك قىلىپ ئىككى قولۇمغا تايىنىپ گۈزەل ئەتىنى يارىتىمەن» دېدى.

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرى ماشەن ناھىيەسى بەيلۇڭتەن بازىرى لۇڭچاڭ كەنتىدىكى مېۋە-چېۋە كۆممىقوناق بازىسىدا، لۇڭچاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى شى جىنچى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ھوسۇل يىغىۋاتاتتى.

شى جىنچى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا غايە ـ ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ھەربىر ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ بېرىپ، ھەربىر خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، يۇرتداشلارنى باشلاپ تۇرمۇشىمىزنى شېرىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.» دېدى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى جېجياڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىكى ياش پارتىيە ئەزاسى لى جيەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەن داۋاملىق ئىش ئورنۇمدا يىلتىز تارتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمەن.»

«باش شۇجى شى جىنپىڭ: < چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا جەزمەن ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك > دەپ تەكىتلىدى. بۇ بىزدىن تۈزۈم مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. «خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى سۈيخۇا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ تيېمىن مۇنداق بىلدۈردى: ھوقۇق بېرىش، ھوقۇق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئېنىق، ئوچۇق، سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان تۈزۈم-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پاكلىق يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىشتىكى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمى، چىرىكلىشەلمەيدىغان قىلىشتىكى ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: < ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىدىكى ئۆتكۈر قورال، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى جەزمەن قەتئىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك >. بۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ئۈچۈن يەنىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. فۇجيەن ئۆلكىسى جېرۇڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 5-ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لىن جۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇپ، قىلچە يول قويماي، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن < پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، تەۋەلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇش >نى تەلەپ قىلدى. بىز پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، تەرەققىيات ئۇلىنى پۇختىلاپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادەتلىك بولۇشىنى قوغدىشىمىز كېرەك.» جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجوۋ شەھىرى ۋېنچېڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو جاۋجېڭ مۇنداق بىلدۈردى: مۇقىملىق بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ مۇناسىۋىتى، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنىڭ مۇناسىۋىتى، ئۆزىنى توغرىلاش بىلەن باشقىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى دىيالېكتىكىلىق ياخشى ئىگىلەپ، بەنزىنى ياخشى باشقۇرۇپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جياڭسۇ ئۆلكىسى پىجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ < ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تارنى جەزمەن تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك > دېگەن بۇ مۇھىم تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى، سۆز-ھەرىكىتى، يۈرۈش-تۇرۇشىنى قايسى جەھەتلەردە يەنىمۇ يۈكسىەلدۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ دەۋر تەرەققىياتىغا، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا قاراپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.»

چۇڭچىڭ شەھىرى دادۇكوۋ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گو : «باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز مائارىپنى چىڭ تۇتۇپ، تەربىيەنى پۇختا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، سوتقا بېرىپ تىپىك دېلولارغا قاراپ چىقىشنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى تاۋلاشقا يېتەكلەپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.» دېدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ