7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن ياپونىيەگە ئۇچقىلى بولىدىغان بولدى

2025.07.01 14:26 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭنىڭ رايون خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيە تورىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى سودا ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى-تيەنجىن-ئوساكا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى شىنجاڭ رايونىدا نۆۋەتتە ياپونىيەگە ئۇچىدىغان بىردىنبىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، شۇنداقلا تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئاچقان تۇنجى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى-تيەنجىن- ئوساكا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش پىلانلاندى. بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى GS79973، (ھەممىسى شۇ جاي ۋاقتى) سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، تيەنجىندە توختىغاندىن كېيىن، سائەت 16 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئوساكا ئايروپورتىغا يېتىپ بېرىش؛ قايتىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرىGS 7974، سائەت 18 دە ئوساكا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، تيەنجىندە توختىغاندىن كېيىن، ئەتىسى سەھەر سائەت 1 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بېرىش پىلانلاندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ