مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈندىدار سالون خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، گۇيجوۋ، خۇنەنلەردە قايتا-قايتا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلغان، بولۇپمۇ گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ رۇڭجياڭ، سۇڭجياڭ قاتارلىق جايلىرىدا ئاپەت ئەھۋالى گەۋدىلىك بولۇپ، يۆتكەلگەن ئاممىنىڭ سانى كۆپ، ئاپەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىيان ئېغىر بولغان. 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى گۇيجوۋ، خۇنەنگە 160 مىليون يۈەننى ئالدىن ئاجرىتىش ئاساسىدا، يەنە بىر قېتىم مەركەزنىڭ 140 مىليون يۈەن تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى جىددىي ئالدىن ئاجرىتىپ، ئىككى ئۆلكىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش، پۇقرالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئاپەت رايونىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.