ئاپتونوم رايوننىڭ 2025 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 10 ـ كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 8 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، تەپسىلاتىنى «ئاپتونوم رايوننىڭ 2025 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇش جەدۋىلى»دىن كۆرۈڭ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تولۇق كۇرس مۇددەتتىن بۇرۇن تۈركۈمى، دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلان تۈركۈمى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىسى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىسى تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مۇددەتتىن بۇرۇن تۈركۈمى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى قاتارلىق جەمئىي 10 تۈركۈم قېتىم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى