شىنجاڭ جىمىسار سىلانېتس مېيىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىدا تۇنجى قېتىم 5000 توننىدىن ئارتۇق يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2025.06.30 15:07 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى − شىنجاڭ جىمىسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى تۇنجى قېتىم 5000 توننىدىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. شىنجاڭ جىمىسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 1278 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بايلىق مىقدارى بىر مىليارد توننىدىن ئاشىدۇ. بۇ قېتىم كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىدا يېڭى سەۋىيە يارىتىش كېيىنكى بايلىق ئېچىش ئىقتىدارىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ