پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 28-قۇرۇلتىيى 2025-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ياشلىق كاتتا مەرىكىسى.
يىغىندا ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتلىرى ئايرىم-ئايرىم قاراپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىدۇ.