«مۇشۇنداق چوڭقۇر بولسا، قارا يامغۇردىن قورقمايمىز.» جياڭ ۋاڭ ئېرىققا سەكرەپ چۈشۈپ، بەدىنى ئارقىلىق ئېرىقنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچىدى.
خۇاڭشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭيۈن بىر چەتتە تۇرۇپ: «خاتىرجەم بولۇڭ! بۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1 مېتىر، كەڭلىكى 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ» دېدى.
يازلىق يىغىم بىلەن ئالدىراش بولۇش، يازلىق تېرىلغۇنى چىڭ تۇتۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ مەزگىلدە، خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرى شىشيا ناھىيەسى ۋۇلىچياۋ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ ۋاڭ ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش ئىشلىدى، «ھازىر يىغىن ئازايدى، كونكرېت خىزمەتلەرنى تۇتۇشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بار بولدى.»
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىشيا ناھىيەسى يىغىننى ئازايتىش، مەلۇمات جەدۋىلىنى ئازايتىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇشنى پائال تۈردە ئالغا سىلجىتىپ، كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ ئاجرىتىپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ ئەمەلىي ئىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
يىغىننى ئىخچاملاشنى مىسالغا ئالساق، شىشيا ناھىيەسى «كۆپ خىل يىغىننى بىرلەشتۈرۈش»نى يولغا قويۇپ، ئوخشاش تىپتىكى يىغىننى كىرىشتۈرۈپ ئاچتى. ئىلگىرى، ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى، سۇچىلىق ئىدارىسى، قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ھەممىسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىغىنى ئاچاتتى، بۇ يىل پۈتۈن ناھىيە بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ يىغىن كىرىشتۈرۈپ ئېچىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىشيا ناھىيەسى ئاچقان تۈرلۈك يىغىنلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 تۆۋەنلىدى، يىغىن ۋاقتى %50 تىن كۆپرەك قىسقاردى.
يىغىننى ئازايتىۋەتكەندىن كېيىن، كۆپرەك ۋاقىتنى قەيەرگە سەرپ قىلىش كېرەك؟ شىشيا ناھىيەسى كادىرلاردىن مۇنداق تەلەپ قىلدى − «ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە ئولتۇرۇپلا دوكلات ئاڭلىماسلىق، جەزمەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بىۋاسىتە چۆكۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.»
خۇاڭشى كەنتىدىكى مايمۇن شاپتۇلى بېغىغا كەلگەندە، جياڭ ۋاڭ يول بويىدا سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان بىرلا ئېرىقنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.
-بۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ؟ قارا يامغۇر ياغسا، چوقۇم ھۆلچىلىك ئاپىتى بولىدۇ! جياڭ ۋاڭ جاڭ چىڭيۈنگە مۇنداق دېدى: «جەزمەن ئېرىق ئۆلچىمى بويىچە چىڭ تۇتۇپ، چوڭقۇر قېزىش، كېڭەيتىش، ئۇزارتىش كېرەك.»
«كەنت بۇنچە كۆپ پۇلنى دەماللىققا چىقىرالمايدۇ...» دېدى جاڭ چىڭيۈن.
«ناھىيەدە ئالاقىدار مەبلەغ بار، مەن بېرىپ قولغا كەلتۈرىمەن. سەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇش ئەترىتىنى ئىزدەپ، مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئىش باشلاشنى قولغا كەلتۈرگىن» دېدى جياڭ ۋاڭ ۋەزىپە تەقسىم قىلىپ.
بازارغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جياڭ ۋاڭ دەرھال ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم ساۋ چۇاڭغا تۈر تۇرغۇزۇش دوكلاتى يازدى. 2-كۈنىلا دوكلات تەستىقلاندى. «ھازىر دوكلاتنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىمۇ ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى بولدى» دېدى جياڭ ۋاڭ. «ئىلگىرى يۇقىرىنىڭ تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى كۆپ ئىدى، ۋەزىپىلەرمۇ كۆپ ئىدى.» «بۈگۈنكى كۈندە < قاتتىق تەدبىر > بار بولدى، مەسىلەن، شەھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلسە، ناھىيە مەسئۇل يولداشتىن بىرنى ھەمراھ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار كۈتۈۋېلىشقا، ئۇزىتىپ قويۇشقا، ھەمراھ بولۇشقا بولمايدۇ...» دېدى ساۋ چۇاڭ.
خۇاڭشى كەنتىنىڭ ئېرىق تۈرى تەستىقلىنىپ، مەبلەغنىڭ ناھايىتى تېزلا ئورنى چىقتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، قېزىش ماشىنىسى كەنتكە كىردى. قۇرۇلۇش قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش... جياڭ ۋاڭ بازار كادىرى جوۋ دالىن بىلەن بىرلىكتە، دائىم كەنتكە كېلىپ سۈپەتكە دىققەت قىلدى، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى كۆردى.
«بۇ يېرىڭىز توغرا ئەمەسقۇ؟» بىر سۇ چىقىش ئېغىزىدا، جياڭ ۋاڭ قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ لايىھە خەرىتىسىدىكى كاناي شەكىللىك سۇ چىقىش ئېغىزىنى تۈز كاناي شەكلىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى بايقاپ ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنى دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇدى.
ئەمدىلا بۇ يەرنى تەكشۈرۈپ بولۇشىغا، يەنە بىر كەنت ئاھالىسى ئىزدەپ كەلدى: «ئېرىق چېپىپ يولنى ئۈزۈۋېتىپتۇ، ماشىنىمىز قانداق ئۆتىدۇ؟ »جياڭ ۋاڭ يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىسا، ئىنكاس قىلغان ئەھۋال راست ئىكەن. ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆستەڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېمونت تاختا كۆۋرۈك سېلىش قارار قىلىندى.
مەسىلە ھەل بولدى، مۇخبىر ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جياڭ ۋاڭدىن ئۆگىنىش-تەربىيە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ دەپ سورىدى. جياڭ ۋاڭ «ئىككى ئۆزگىرىش» بار دېدى—
كىيىنىشىمىز ئۆزگەردى. ئىلگىرى يىغىن كۆپ بولغاچقا، كۆڭلەك، خۇرۇم ئاياغ كىيىشكە توغرا كېلەتتى؛ ھازىر تېز قۇرۇيدىغان مايكا، تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىمەن، بەزىدە يەنە چىغ قالپاق كىيىمەن.
خىزمەت ئۇسۇلىمىز ئۆزگەردى. ئىلگىرى ھەمراھ بولىدىغان يىغىن كۆپ، تەييارلايدىغان ماتېرىيال كۆپ ئىدى؛ ھازىر كەنتكە بېرىشىمىز كۆپەيدى، قىلغان ئەمەلىي ئىشىمىز كۆپەيدى ، كەنت ئاھالىلىرى كۆپ كۆرىدىغان بولدى. «ئەڭ خۇشال بولغىنىم، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مانا بۇ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قىياپىتى! دېگىنىنى ئاڭلىغىنىم بولدى» دېدى.