يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، پارتىيە ئەزالىرى مەركەزلىك قەسەم بېرىش، زىيارەت قىلىش، ھال سوراش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ تەشكىللەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 104 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
«1934-يىلى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يۈدۇ دەرياسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتتى. پۇقرالار ئەڭ ئاخىرقى بىر قاچا گۈرۈچنى ھەربىي ئاشلىق قىلىشقا ئاپىرىپ بەردى، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە تاختاينى لەيلىمە كۆۋرۈك سېلىشقا ئىشلەتتى...» مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي خاتىرە باغچىسىدا، 22 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە چۈشەندۈرگۈچى جۇڭ مىن ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەپ بەردى. يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرى يۈدۇ ناھىيەسى يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان 180 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنى خاتىرە باغچىسىغا كېلىپ، ئۇزۇن سەپەردىكى ئاشۇ قاينام-تاشقىنلىق يىللارنى قايتا ئەسلەشكە تەشكىللىدى.«ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلى. مەن خىزمەت داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېدى يېڭى پارتىيە ئەزاسى لەن شېڭرۇڭ.
جياڭسۇ ئۆلكىسى بىنخەي ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچە رايونى يۈسەي كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرىنى ئىنقىلابىي قۇربان گۇ جېڭخۇڭنىڭ كونا تۇرالغۇسى، گۇ جېڭخۇڭنىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. «بىنخەي ناھىيەسى ئىنقىلابىي قۇربان گۇ جېڭخۇڭنىڭ يۇرتى، ئۇ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئۈچۈن ياشلىق باھارى، ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. مەن ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمەن» دېدى ياش پارتىيە ئەزاسى لى لىن.
«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم...» يېقىندا، نۇرغۇن جايدا پارتىيە ئەزالىرى مەركەزلىك قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىندى.
چۇڭچىڭ شەھىرى بېيبېي رايونى ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ پۇ خاتىرە سارىيىدا، تيەنشېڭ كوچا باشقارمىسى غەربىي جەنۇب داشۆسى شىمالىي مەھەللىسى 15 نەپەر يېڭى پارتىيە ئەزاسىنى تەشكىللەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 76 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ليۇ گۇاڭشيا تەنتەنىلىك ھالدا يېتەكلەپ قەسەم بەردى ھەمدە يېڭى پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى كەچۈرمىشىنى ئورتاقلاشتى.«مەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى قەلبىمدە چىڭ ساقلاپ، قەدىمىم ئارقىلىق مەھەللىنى ئۆلچەپ، چىن ھېسسىياتىم بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ، مەھەللە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئازادە، تېخىمۇ گۈزەل قىلىمەن» دېدى يېڭىدىن پارتىيەگە كىرگەن مەھەللە خىزمەتچىسى جوۋ ۋېيخەن.
خەينەن ئۆلكىسى ۋۇجىشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى خاتىرە باغچىسىدا، ۋۇجىشەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاشقا، قىزىل تارىخنى ئەسلەشكە تەشكىللىدى. «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلەش بىر قېتىملىق چوڭقۇر مەنىۋى تاۋلىنىش. مەن قىزىل روھقا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ياخشى بېجىرىپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىللىق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن.»
«1-ئىيۇل» ھارپىسىدا، ھەرقايسى جايلار مول، مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلاش ۋە ھال سوراش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى تيېشى رايونى شىڭشۈن كوچىسى جيايې مەھەللىسىدە، ھەربىر پارچە ھۆسنخەت ئەسەرلىرى نۇرغۇن پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى جەلپ قىلدى. مەھەللە پاكلىق باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ھۆسنخەت، رەسىم، قەغەز قىيما قاتارلىق ئەسەرلەرنى كەڭ كۆلەمدە توپلاپ، پاكلىق مەدەنىيىتى ھۆسن خەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى چى باۋلىن مۇنداق دېدى: «بۇ خىل شەكىل بەك ياخشى بولدى! پاكلىق مەدەنىيىتىنى ھۆسنخەت ۋە رەسىم سەنئىتىگە سىڭدۈرۈپ، پاكلىقنى ئۇلۇغلاش، پاكلىقنى قەدىرلەش قارىشىنى خۇددى باھار يامغۇرىدەك قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش كېرەك.»
«مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى قەرەللىك ھالدا ئۆيلەرگە بېرىپ تازىلىق قىلدى، يەنە ياردەملىشىپ ئائىلە دوختۇرى بىلەن ئالاقىلەشتى، بۇنىڭدىن قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى.» ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتوۋ شەھىرى جيۇيۈەن رايونى شاخې كوچا باشقارمىسى ۋەندا مەھەللىسىدە، ئۆيىگە ھال سوراشقا كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلىرىنى كۆرۈپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ مېيشيەن ئىنتايىن تەسىرلەندى. مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ مو ئۇنىڭغا دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى رەتلەپ بەردى، ئىستېمال قىلىش ۋاقتىنى ئېنىق يېزىپ قويدى، يەنە: «قىيىنچىلىق بولسا، ھەر ۋاقىت مەھەللىگە تېلېفون قىلىڭ» دەپ تاپىلاشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.