شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر تۈركۈم جۇڭگو پۇقرالىرى ئىسرائىلىيەدىن چېكىندى ھەمدە ئىيوردانىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان قۇرۇقلۇق پورتىدىن ئىيوردانىيەگە كىردى. جۇڭگونىڭ ئىيوردانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پورتقا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ كۈتۈۋالدى ھەمدە يۆتكەپ توشۇشقا ياردەملەشتى.
بۇ تۈركۈمدە جەمئىي 56 ئادەم چېكىنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئىسرائىلىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار، كارخانا خادىملىرى ۋە ئىشلەمچىلەر، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قىسمەن خۇاچياۋلارنىڭ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئائىلە تەۋەلىرى بار. شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەندە، چېكىنگەنلەر ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئىسرائىلىيەدىن يولغا چىقتى ھەمدە شۇ كۈنى چۈشتە ئىسرائىلىيە-ئىيوردانىيە چېگراسىغا يېتىپ باردى. ئىيوردانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن پورتنىڭ ئىيوردانىيە تەرىپىگە يېتىپ بېرىپ، چېكىنگەنلەرنىڭ ئىيوردانىيەگە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە ياردەملەشتى ھەمدە يۆتكەپ توشۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.