14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى، 2025-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپ، ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى، ناتوغرا رىقابەتكە چېتىشلىق قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش، قانۇن جاۋابكارلىقى، قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت بەش بابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قانۇندا، دۆلەت ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قائىدە-تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، بازار رىقابىتى تەرتىپىنى قوغداپ، بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەتلىشىدىغان، تەرتىپلىك بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.