6 -ئاينىڭ 27-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىدا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2026-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى جەمئىي ئالتە باب، 144 ماددا بولۇپ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، جازانىڭ تۈرى ۋە تەتبىقلىنىشى، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ۋە جازا، جازالاش تەرتىپى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، يېڭىدىن پەيدا بولغان جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى، ئاممىۋى بخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.