«ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 47-ماددىسىدا، ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئىشلىگەن ۋاقتىغا قاراپ، ھەر بىر يىلغا بىر ئايلىق مائاش بېرىش ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەكچىلەرگە بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئالتە ئايدىن ئاشقان، 1 يىلغا توشمىغان بولسا، بىر يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ئالتە ئايغا توشمىغان بولسا، ئەمگەكچىگە يېرىم ئايلىق مائاش بويىچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
ئەمگەكچىنىڭ ئايلىق مائاشى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايون تەسىس قىلغان شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان شۇ رايوندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي تۆلەم ئۆلچىمى ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىش مۇددىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.