«يامغۇر ياغقان كۈنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بولمايدۇ، توك قېچىپ توك سوقۇۋېتىدۇ»؟ يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئىلىم-پەن» پىتنە-پاسات تىزىملىكىدە بۇ مەسىلىگە ئىلمىي رەددىيە بېرىلدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكلۇق ئاپتوموبىل لايىھەلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، سۇ ئۆتۈش ۋە توك قېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى تولۇق ئويلىشىلغان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ باتارېيەسىگە ئومۇميۈزلۈك IP 67 ياكى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ توسۇش لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، بەلگىلىك ۋاقىتتا سۇغا چىلىنىپ تۇرغان ئەھۋالدا ساق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، توك قېچىش خەتىرى مەۋجۇت ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكلۇق ئاپتوموبىلغا يەنە كۆپ خىل بىخەتەرلىك قوغداش مېخانىزمى سەپلەنگەن بولۇپ، نورمالسىزلىق بايقالغان ھامان، سىستېما يۇقىرى بېسىملىق توك مەنبەسىنى ئاپتوماتىك ئۈزۈۋېتىپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.