ياردەم پۇل ئۆلچىمى ھەر ئادەمگە 99 يۈەن بولىدۇ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىدە بۇ مۇلازىمەتلەر يېڭىدىن كۆپەيتىلدى

2025.06.27 14:53 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت جۇڭيى تېبابەت-دورىگەرلىك ئىدارىسى، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى بۈگۈن «2025-يىللىق ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، 2025-يىلى، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇل ئۆلچىمى يەنە بەش يۈەن كۆپەيتىلىپ، 99 يۈەنگە يەتتى. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن خىراجەت مۇلازىمەت مەزمۇنىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قېتىم سانىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. دىققەت «ياشانغانلار، بالىلار» ۋە يۇقىرى قان بېسىم، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «بالىلار كېسەللىكلىرى ۋە روھىي ساغلاملىق مۇلازىمەت يىلى»، «بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش يىلى» قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان ساغلاملىق مۇلازىمىتى ياخشى ئىشلەندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ