6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «زەھەر دېلولىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى بېجىرىپ، زەھەر چەكلەشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش» بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېغىر جىنايەت تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى يۈەن مىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: دېلو بېجىرىش جەريانىدا ئايرىم تېببىي دورا كەسىپكارلىرىنىڭ ناركوز دورىسىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ناركوز دورىلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ كونتروللۇقنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ھەتتا بۇ دورىلارنىڭ زەھەر چېكىش، سېتىش يوللىرىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق.
يۈەن مىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۇنىڭ ناركوز قىلىش ئۈنۈمىدىن پايدىلىنىپ ھوشسىزلاندۇرۇپ باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق تۇغۇندى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان، بۇنىڭ جەمئىيەتكە خەۋپى چوڭ. تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ناركوز دورىسى قاتارلىق خۇمار قىلىدىغان ماددىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش مەسىلىسىنى تۈزەشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.