دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 6-ئايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاۋ يىغىندا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيدى، بۇ يىل پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كاپالەتكە ئىگە بولدى.
يىغىندا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بىرنەچچە ئېيىدا شىمالدىكى رايونلاردا قۇرغاقچىلىق بىرقەدەر ئېغىر بولدى، بۇ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ ھازىر دەل يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىلغۇ، يازلىق پەرۋىشتىن ئىبارەت «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟
بۇنىڭغا قارىتا لى چاۋ مۇنداق بىلدۈردى: يازلىق ئاشلىق پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۇنجى جەڭ بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، %90 تىن كۆپرەكى كۈزگى بۇغداي. بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى، بولۇپمۇ شەنشى، خېنەن قاتارلىق جايلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىدى، ھەرقايسى جايلار، تارماقلار قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يازلىق ئاشلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتتى. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر مەملىكەت بويىچە يازلىق يىغىم ۋە يازلىق تېرىلغۇ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، يازلىق ئاشلىق، بۇغداينى كەڭ كۆلەمدە كومبايىندا ئورۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقان، يازلىق يىغىم جەريانى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق بولغان.