ھەرقايسى جايلار ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى − 

ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش (مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش)

2025.06.27 14:04 مەنبە: خەلق تورى

«ياخشىمۇسىز، بۇ، 12345 قىزىق لىنىيەسى. سىز ئىنكاس قىلغان قۇرۇلۇش ئورنى ئاشخانىسىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بېجىرىش مەسىلىسى ھەل قىلىندىمۇ؟ بېجىرىش جەريانى ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ؟»

«ناھايىتى تېز بولدى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى بولدۇق! »

چاڭ ۋېنگو گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بېيخەي شەھىرى تيېشەنگاڭ رايونىدىكى مەلۇم قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مەسئۇلى، قۇرۇلۇش ئورنى ئاشخانىسىنىڭ توردا ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىشىدا، ھېساباتىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە، ئۇ 12345 قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلدى.تيېشەنگاڭ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كاشىلىنى ناھايىتى تېزلا تۈگىتىپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە چاڭ ۋېنگوغا كىنىشكىنى بېجىرىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىستېمىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلاندى.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بېيخەي شەھىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، 12345 قىزىق لىنىيەسىدە پۈتۈن كۈن زاكاز قوبۇل قىلدى، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار تېز ئىنكاس قايتۇردى، تېلېفوندا قايتا زىيارەت قىلىش، بېجىرىشنى ھۆددىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى قايتا زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، توسۇقلارنى تۈگەتتى.

ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل يول ئارقىلىق، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، قانداق مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزەتتى، بىلگەن ھامان تۈزەتتى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە، بىر قىسىم ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئىجارە ھەققى قاتارلىق ئورتاق مەبلەغ يۆتكەپ ئىشلىتىلدى، ئۆي-جاي باشقۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىلدى...ئۆي-جاي مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئەرز –شىكايەت مىقدارى بىر مەھەل يۇقىرى بولۇپ كەتتى.

چىڭداۋ شەھىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان «ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئاممىۋى پايدىسىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرى»نى شەھەر دەرىجىلىك قاتلامدىن نۇقتىلىق تۈزەش مەسىلىسى قاتارىغا كىرگۈزدى. شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىكتە تۈزەش لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئولتۇراق رايونلارنىڭ «ھەميېنى»نى ياخشى باشقۇرۇشقا ياردەم بەردى.

گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جىنچاڭ شەھىرى دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا، مەھەللە، ئورگان، كەسىپ، دۆلەت كارخانىسى، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش تىزىملىكىنى تۇرغۇزدى. كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈرمۇتۈر تەدبىر تۈزۈپ، ئېسىپ قويۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سېلىشتۇرۇپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزىدى.

جۈمەكنى ئېچىشىمغىلا، تۇرۇبا سۈيى شارقىراپ ئېقىپ چۈشتى. سىچۇەن ئۆلكىسى چۈشيەن ناھىيەسى ۋاڭشى بازىرى يەنبا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

يەر شەكلى، يەر تۈزۈلۈشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، يەنبا كەنتىدە ئىلگىرى يىل بويى سۇ ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىدى. ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە، چۈشيەن ناھىيەسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خەلق رايىغا قۇلاق سالدى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى يەنبا كەنتىگە كېلىپ، «تارماقلارنىڭ ئالاقىسى، ماسلىشىشى راۋان بولماسلىق، قۇرۇلۇش مەبلىغى كەمچىل بولۇش»نىڭ تۇرۇبا سۈيىنى كەنتكە كىرگۈزۈش تەس بولۇشتىكى بىر چوڭ تۈگۈن ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتى، يېزا-بازار قاتارلىق مەسئۇل ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئورتاق كېڭىشىپ، «يېزا-بازار ئاساسلىق تۈرتكە بولۇش+كارخانىلار پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش+كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى غەملەش»چارىسىنى كېڭىشىپ چىقتى، ئاخىرىدا 160 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى خاتىرجەم سۇ ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

ھەرقايسى جايلار ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەربىيە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش جەريانىدا ئاممىنىڭ قاتنىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلدى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى ھېس قىلدۇردى ۋە مەنپەئەتلەندۈردى.

بېيجىڭ شەھىرى شىجىڭشەن رايونى ۋۇلىتو كوچا باشقارمىسى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدە، يۈ خانىم ئەمدىلا كېسىپ قويۇلغان دېرىزە قىيىق گۈلىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى كونا دوستلىرىم بىلەن قەغەز قىيما قىيىپ پاراڭلىشالايدىغان بولدۇم، كۈنلىرىم ناھايىتى قىزىپ كەتتى! » بۇ رايون ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى بۇ يىل رەسمىي تىجارەت باشلىغان بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قولاي غىزالىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئۆگىنىش، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تەۋەلىكتىكى ياشانغانلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شى جىڭشەن رايونى «ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كوچا باشقارمىسى رايون ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىككىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش كارىۋىتىنى 4640 قا يەتكۈزدى؛يېڭىدىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش تاماق ياردەم بېرىش نۇقتىسىدىن تۆتى قۇرۇلدى، 83 ياشانغانلار كۈتۈنۈش تاماق ياردەم بېرىش نۇقتىسى جەمئىي 211 مىڭ ئادەم قېتىم مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئائىلە مۇلازىمىتى، ساغلاملىق باشقۇرۇش قاتارلىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ياشانغانلارغا يەتكۈزدى.

«ئىلگىرى دەرەخ يىلتىزى تۇرۇبىنى تومپايتىپ چىقىرىپ، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى يۇندى ئېقىپ كېتەتتى، ھازىر سۇ چىقىرىش راۋانلىشىپ، كۆڭلىمىز كۆپ ئازادە بولۇپ قالدى. جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى جىجوۋ رايونى شىشىچياۋ كوچا باشقارمىسى چاڭگاڭلىڭ باسما زاۋۇتى ياتىقىنىڭ ئاھالىسى لى جيەنگو يېڭىدىن رېمونت قىلىنغان يۇندى يولىنى كۆرسىتىپ باش بارمىقىنى چىقاردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ