دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى گۇيجوۋ قاتارلىق جايلارنىڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىنكى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاش ئۈچۈن 200 مىليون يۈەن جىددىي ئورۇنلاشتۇردى

2025.06.26 14:43 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتىدىن 100 مىليون يۈەن مەبلەغنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، گۇيجوۋدىكى ئاپەت رايونىنىڭ قاتناش، سۇچىلىق، داۋالاش-سەھىيە، مائارىپ قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئاپەتتىن كېيىنكى جىددىي ئەسلىگە كېلىشىگە مەدەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇاڭدۇڭ، خۇنەننىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى قوللاپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 100 مىليون يۈەن كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ